ئامېرىكا خىتاينىڭ 352 خىل مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 352 خىل مەھسۇلاتقا قارىتا تاموژنا بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 23-مارت خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 352 خىل مەھسۇلاتتىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدىكى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنماقچى بولغان 549 خىل مەھسۇلاتتىن كۆپ ئاز ئىكەن. كەچۈرۈم قىلىش قارارى 2021-يىلى 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سابىق تىرامپ ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە خىتاينىڭ 2000 دىن ئارتۇق مەھسۇلاتىنىڭ تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى كەچۈرۈم قىلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا ئۇزارتالمىغان. پەقەت 549 مەھسۇلات بىر يىللىق تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بۇلارنىڭ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىش مۇددىتى 2020-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى، يەنى بايدىن ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن توشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى دەي چى 549 مەھسۇلاتنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ باھانى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا باغلىغان. دەي چى بۇ يىل فېۋرال ئېيىدا پارلامېنتقا بەرگەن دوكلاتىدا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنىڭ ئالدىدا بەرگەن خىتاي بازىرىنى چەت ئەلگە ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنىمۇ ئورۇندىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتقان خىتاي ماللىرى سۇ پومپىسى، ئېلېكتىر ماتورى، ماشىنا زاپچاسلىرى، خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ماللىرىدىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق بېسىمىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. پۇل پاخاللىق بېسىمى بولسا بۇ يىل ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنداقتىمۇ بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2022 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق