خىتاي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نەق مەيداندىن تېپىلغان بىر قىسىم ئايروپىلان قالدۇقلىرى ۋە جەسەت پارچىلىرىنىڭ بايقاپ تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-مارت كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن «21-مارت» شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MU5735 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھادىسىسى خىتاي جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 3-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گۇاڭشى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جېڭ شى تونۇشتۇرۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، 300 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاساسلىقى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئورمان رايونىنى ئىزدىگەنلىكىنى، سائەت 19 غىچە، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن دائىرىنى ئىزدەش جەريانىدا بىر قىسىم ئايروپىلان پارچىلىرى ۋە جەسەت پارچىلىرىنى بايقاپ تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، ياردەم بېرىش خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، خىزمەت گۇرۇپپىسى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن كاپالەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىپ، 123 يولۇچىغا چېتىلىدىغان 110 ئائىلىگە قارىتا تۆلەم تۆلەش خىزمەتلىرىنى رەتكە سېلىشقا باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 804 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2022 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق