خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارقا-ئارقىدىن ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بىلەن رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارقا-ئارقىدىن ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى ئافغانىستاندا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇللار ۋاڭ يىنىڭ تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى 24-مارت كۈنى ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا تالىبان ئافغانىستاننى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي بىر ھەپتىدىن كېيىن ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنى ھەل قىلماقچى بولغان بولۇپ، تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقىمۇ 30-، 31-مارت كۈنلىرى ئېچىلىدىغان يىغىندا، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكىگە ۋاكالىتەن ئافغانىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىكەن.

تالىبان سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامىرخان مۇتتەقى بىلەن ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدىكى ۋەكىللەر سۆھبىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ۋاڭ يىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنىپ: «خىتاينىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى،   ۋە ئافغانىستانغا سىياسىي، ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا يەنە: ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش، ۋىزا مەسىلىسى، خىتاينىڭ كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئىش باشلىشى، ھەمدە ئافغانىستاننىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ۋاڭ يى تالىباننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابدۇلغەنى بۇرادەر بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئافغانىستان رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تالىبان باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇلغەنى بۇرادەر ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،  كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەت دىپلوماتلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، داۋاملىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئافغانىستانغا قوشنا بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەگەر ئافغانىستان ۋەزىيىتى داۋاملىق تىنچ بولمىسا، خىتايغا قارشى قوراللىق تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار قوراللىق تەشكىلاتلار ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارمىيە بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بەرگەن باياناتتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوف باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئافغانىستان پايتەختىگە يېتىپ كەلگەن.

ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، قاتناش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، موسكۋانىڭ تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇنمۇ تالىبانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2022 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق