ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ سولومون تاقىم ئارىلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ سولومۇن تاقىم ئارىلىدا ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتتون: سولومۇن تاقىم ئارىلىدا خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي بىلەن سولومۇن تاقىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھۆججەت لايىھەسى توردا ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سولومۇن تاقىم ئارىلىنىڭ بىر ئەمەلدارى 24-مارت كۈنى رويتىرس ئاگېنتلىقىغا ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى كابىنېتتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ تەرتىپلەر ئاۋسترالىيە بىلەن تۈزگەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، تىنچ ئوكيان ئارىلى دۆلىتىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنامىسى سولومۇن تاقىم ئارىلىنىڭ پايتەختى خونىياراغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ئاۋسترالىيە بىلەن قوشنا رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاۋسترالىيەنى ئەندىشىگە سالىدىكەن. ئالدىنقى ئايدا ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىن ئۆتكەن خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى لازېر نۇرلۇق قورال بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانىنى نىشانلىغان. بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نارازىلىق باياناتلىرىغا سەۋەب بولغانىدى.

دۇتتون مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ خونىيارانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سولومۇن تاقىم ئارىلىدا 50 ساقچىنىڭ بارلىقىنى ۋە 2023-يىلغىچە بۇ يەردە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە: «بىز ئەلۋەتتە ھەر قانداق شەكىلدىكى خىتاي ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىمىز، ھەمدە بۇ  مەسىلىدىكى مەيدانىمىزنى سولومۇن تاقىم ئارىلى ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرىمىز. بىز رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز. خىتايدىن كېلىۋاتقان بېسىم ۋە مەجبۇرلاشنىڭ بۇ رايوندا داۋاملىق كېڭىيىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2022 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق