شەرقىي تۈركىستان ئۆسمۈرلىرى تۈرك دۇنياسى پائالىيىتىگە قاتناشتى

24-مارت كۈنى ئىستانبۇل بەيكوز رايۇنىدىكى كامالەتتىن تۇغچۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتىۋى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى پروگراممىسىغا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قاتناشتى ۋە ساما ئۇسسۇلى ئويناپ تاماشىبىنلارغا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مەدەنىيەت بويۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى.

بۇ پائالىيەت ھەرقايسى مەكتەپلەردە تۈركلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن ئىشتراك قىلدى. پائالىيەتكە بەيكوز رايۇنلۇق ھۆكۈمەت، مائارىپ ئىدارىسى ۋە باشقا مەكتەپلەردىن كەلگەن رەھبەرلەر ھەمدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار ئىشتراك قىلدى.

پائالىيەتتە تاڭنۇرى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسى كەڭ تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ساما ئۇسسۇلىنى ئوينىدى ۋە ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىپ شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇردى.

ئۇندىن باشقا مەيدانغا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى كۆرگەزمە قىلىش ئورنى ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە ھەر خىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت بويۇملىرى، تونۇر نېنى، ساڭزا، ناۋات قاتارلىق يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ  نامايەندىلىرى تىزىلدى. پائالىيەتتە ئوقياچىلىق گۇرۇپپسى، تۆمۈر تاۋلاش گۇرۇپپىسى، مىللىي ئويۇنلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار ماھارەت كۆرسەتتى. گۇرۇپپىلار كۆرسەتكەن نومۇلار تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم پروگراممىنىڭ بېشىدا پروگراممىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ: شەرقىي تۈركستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن باشقا يەنە يەر كۆلىمى، قوشنا دۆلەتلەر، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرك ئىرقىدىن ئىكەنكلىكىنى مەزمۇنلۇق قىلىپ تونۇشتۇردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1752 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2022 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق