ھىندىستان: خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى

ھىندىستان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرادىن چېكىنىشىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جۈمە كۈنى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا: «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى چېگرادىن بالدۇرراق ھەمدە تولۇق چېكىنىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پەيشەنبە كۈنى كەچتە يېڭى دېھلىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال ھەمدە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشكەن. مەزكۇر ئۇچرىشىش خىتاي بىلەن ھىندىستان تەرەپنىڭ 2020-يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆرۈشۈشى بولۇپ، ۋاڭ يىنىڭ ھىندىستان زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ چېگرا ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدا ئونمىڭلىغان ئەسكەر، زەمبىرەك، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي بۇلتۇر 2-ئايدىن باشلاپ چېگرانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما چېگرا بويىدىكى ھەربىي خادىملارنى قوشۇمچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋام قىلغان. ئىككى يىل داۋامىدا ئىككى تەرەپ 15 قېتىم قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما تىركىشىش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 763 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2022 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق