خىتاي ناتونى قاتتىق ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەبنىڭ ئۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ت ر ت خەۋەر تورىنىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ناتونىڭ «خىتاي رۇسىيە ئۇرۇشىنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن سۆزى خىتاي رېجىمىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بېيجىڭ «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا پەقەت بىرلا سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇش» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى خىتاينى رۇسىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «رۇسىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىش» توغرىسىدا چاقىرىق قىلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئۆزىدىن سورىشى كېرەك، ناتونىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا پەقەت بىرلا سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇش» دېدى.

خىتاي يەنە كىمنىڭ ئۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ دېيىش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قىلچە نومۇس قىلماستىن خىتاينىڭ ھەمىشە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناتونىڭ يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا رۇسىيە بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسا بىريۇسسىلدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى يەرشارى بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالىدۇ، بېيجىڭ رېجىمى رۇسىيەنى قوللىماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازاغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى.

مەلۇم بولغاندەك، ھازىرغا قەدەر، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 893 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2022 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق