خىتاي نېفىت خىمىيە گۇرۇھى رۇسىيە بىلەن بولغان تۈرلەرنى ۋاقتىنچە توختاتتى

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بارغانسېرى قاتتىق جازاغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى بولغان خىتاي نېفىت خىمىيە گۇرۇھى رۇسىيەدىكى تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا سالغان 500 مىليون دوللارلىق مەبلىغىنى، شۇنداقلا رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ خىتايدىكى سېتىش تۈرىنى توختاتقان.

خىتاي رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن بولغان نورمال ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلگەن، ئەمما پەردە ئارقىسىدا خىتاي شىركەتلىرىنى رۇسىيەگە مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرغان. ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە خىتاينى ئىككىنچى چوڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى، شۇنداقلا ئۈچىنچى چوڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىر ئاي ئىلگىرى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان. خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى (CNPC) ۋە خىتاي دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى (CNOOC) رۇسىيەدىكى تىجارىتىگە قاراتقان جازادا نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى باھالاپ چىققان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاي نېفىت شىركىتى ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «بۇ قېتىمقى كىرىزىستا شىركەتلەر بېيجىڭنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. يېڭى مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە شىركەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئايدا ئۈچ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنىڭ رۇسىيە شېرىكلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە يەرلىك تىجارەت ئەھۋالىنى باھالىغان. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنى رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېلىشتا ئالدىرىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. بۇ شىركەتلەر رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، سودا قالايمىقانچىلىقى ھەمدە جازاغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزگەن. بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىغان مەنبەلەر بۇ ئىشنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 630 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2022 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق