يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى رامىزاننى قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

1-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرى 2022-يىللىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە پائالىيەت بىلەن قارشى ئالدى.

مەزكۇر پائالىيەت جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «خۇش مۇبارەك رامىزان» ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم جەريانىدا ئىسلام دىنى ۋە مۇبارەك رامىزان مەدھىيەلەنگەن ناخشىلارنى ئېيتتى ۋە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۆسمۈرلەردە رامىزان ئېيىنى ئۆزئارا مۇبارەكلەش، ئۆزئارا ھەدىيە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە «قۇرئان كەرىم» ھەدىيە قىلىش، دوستلىرى بىلەن ئۆزئارا رامىزاننى تەبرىكلەش نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

يەسلى مەسئۇللىرى مەزكۇر پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەردە رامىزانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىش، رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھۆرمىتىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1421 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2022 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق