رادىكال ھىندى دىنى مۇرىتلىرى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلدى

بىر قىسىم رادىكال ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەسچىتكە ۋە ئىچىدە ناماز ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر تۈركۈم رادىكال ھىندى مۇرىتلىرى ھىندىستاننىڭ كارناتاكا ئىشتاتىغا جايلاشقان رايشۇر شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ھىندى مۇرىتلىرى بىر دىنىي بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان بولۇپ، پائالىيەت يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىشقا ئايلىنىپ كەتكەن. ھۇجۇم جەريانىدا مەسچىتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم مۇسۇلمانلار يارىلانغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بۇ ھەقتىكى سىنلار تارقالغان بولۇپ، نەچچە ئونلىغان ھىندىلارنىڭ «رەڭدار بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مەسچىت دېرىزىسىگە تاش بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، رادىكال ھىندى مۇرىتلىرىنىڭ ھۇجۇم جەريانىدا مەسچىت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كارناتاكا ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. ۋەقەدە ئىككى مۇسۇلمانغا تاش تېگىپ يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ھىندىستانلىق مۇسۇلمان پائالىيەتچى تەلھە ھۈسەيىن ھىندىلارنىڭ مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە: «ھىندى رادىكاللىرىنىڭ ھۇجۇم ۋاسىتىلىرى مانا مۇشۇنداق داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر دائىم ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرى، ئائىلىسى، دۇكانلىرىغا يېقىن جايدا شاۋقۇن-سۈرەن سېلىش بىلەن باشلايدۇ ۋە پائالىيىتىنى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دەپ يازغان.

بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر تىۋىتتېردا يەنە: «ئۇلارنىڭ بايرىمى كەلگەندە قورقۇپ كېتىمەن. چۈنكى ھىندىلار ھەر دائىم مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ يىغىلىش قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلمىسا، ئۇلار بايرىمىدىن ھۇزۇر ئالالمايدۇ» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3158 قېتىم كۆرۈلدى
05/04/2022 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق