ئىستانبۇلدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

5-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ۋە ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ئابدۇجېلىل قارىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بارىن جىھادىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنى ھۆرمەت ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە بارىن جىھادىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم ئويغاتقانلىقىنى، شۇنىڭدىن تارتىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، بارىن جىھادىنىڭ پەقەت ئاددىيلا زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى پىلانلىق، نىشانلىق قوزغالغان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىنى باشقا تەرىقىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلدى. ئۇ 32 يىل ئىلگىرى جانلىرىنى پىدا قىلغان بارىن شېھىتلىرىنىڭ جىھادىي روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى، چەت ئەلدە شۇنچە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلماي يۈرگەنلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلارنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، بارىن شېھىتلىرىنىڭ ئۆز پىداكارلىقى ئارقىلىق، خىتايغا قارشى قوراللىق جىھاد قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ نېمە پايدىسى بولدى، دېيىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىدىيە-پىكىرلىرىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەكلىكىنى، بارىن مۇجاھىدلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ھەرۋاقىت ھەرىكەتكە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم سۆز قىلىپ، ئىسلام دىنىدا شېھىتلىكنىڭ ئالاھىدە يۈكسەك مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەرتىۋىنىڭ ھەممە كىشىگە نېسىپ بولمايدىغانلىقىنى، بارىن شېھىتلىرىنىڭ جانلىرى، قانلىرى بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈلگە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە ئىپتارلىق دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2022 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق