دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارىن جىھادى خاتىرىلەندى

1990-يىلى قەشقەرنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا خىتايغا قارشى قوزغالغان قوراللىق ھەرىكەت - بارىن جىھادىنىڭ 32 يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالاھىدە خاتىرىلەندى.

5-ئاپرېل ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئەنقەرەدە بارىن جىھادىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن باشقا، ياپونىيە، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، كېلەچەك پارتىيەسى ۋە تۈرك ئوجاكلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار بارىن جىھادىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.

4-ئاپرېل قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بارىن جىھادىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئاقيول رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. مۇراسىمدا بارىن جىھادى، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئاملىرىدا جان پىدا قىلغان شېھىتلەرگە ئاتاپ خەتمە قۇرئان ۋە دۇئا قىلىنغان. مۇراسىمدا قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بارىن جىھادىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرغان.

3-ئاپرېل بارىن جىھادىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئىپتارلىقى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى تەشكىللىگەن. مۇراسىمغا بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن باشقا، ئىيى پارتىيە قاتارلىق تۈركىيەدىكى بىر نەچچە پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.

ئۇندىن باشقا شىۋېتسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بارىن جىھادى ۋە شېھىتلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا خاتىرىلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1728 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2022 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق