رادىكال ھىندى مۇرىتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە

ئالدىنقى كۈنلەردە بىر رادىكال ھىندى دىنى مۇرىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئاياغ ئاستى قىلىشقا قەسەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان ئۆمەر مودى ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە بايدېننى بۇ مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشقا چاقىردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا مەزكۇر رادىكال ھىندى مۇرىتىنىڭ شىمالىي ھىندىستاندىكى بىر كوچىدا ياڭراتقۇ ئارقىلىق سۆزلىگەن سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن. سىن تارقالغاندىن  كېيىن ھىندىستاندىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا كەڭ مۇنازىرە باشلانغان.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر رادىكال ھىندى مۇرىتى 2-ئاپرېل خەيراباد شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىدىكى ياڭراتقۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك مەزمۇندىكى سۆزلەرنى قىلغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلار يىغىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە مۇسۇلمان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلغان.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان ئۆمەر بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى مەيدانىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ بۇندىن ئىلگىرى مودىنى «كەڭ قورساق» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئىلھان ئۆمەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مودىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىگە قارىتا تۇتقان مەيدانىنى ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگا كىرىزىسىغا تۇتقان مەيدانى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بايدېننىڭ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قاراپ تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئىلھان ئۆمەر سۆزىدە: «بايدېن ھۆكۈمىتى نېمىشقا مودى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى تەنقىد قىلىشقا پېتىنالمايدۇ؟ مودى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار توپىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىقتا ھەمكارلىشىشنى كۆرۈشتىن بۇرۇن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دەپ سوئال قويغان.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى (CAIR) ئىلھان ئۆمەرنىڭ سۆزىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئوڭچىل ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىسلام دۈشمەنلىكىگە ئاشكارا ئىلھام بەرگەنلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېگەن.

ھىندىستاندىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتى يېقىنقى مەزگىللەردە قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ھىندىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىدېئولوگىيەلەر دۆلەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قوزغىتىلغان. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى 2014-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ھىندىستاندا ئىسلام دۈشمەنلىك كۈچلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3593 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2022 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق