«ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىپتار بېرىلدى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مەسئۇل خادىملىرىغا ئىپتار بەردى.

ئىپارلىق زىياپەت 9-ئاپرېل نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى چايخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىپتار داۋامىدا فىلىم رېژىسسورى تۈلئاي گۆكچىمەن خانىم ۋە فىلىمنى ئىشلەشتە كۈچ چىقارغان خادىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.

تۈلئاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن مەزكۇر فىلىم 22-مارت ئىستانبۇلنىڭ بەيئوغلۇ رايونىدىكى ئاتلاش كىنوخانىسىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت خەلقىنى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا تاشلاپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، كۈلتۈرىنى قوغداش يولىدا قانداق كۈرەش قىلغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبلىرى قاتارلىق نۇقتىلار گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىتلىقى ۋە تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېنىقلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئېنىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر فىلىم بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يەنە يۇتيۇب سۇپىسىغا چىقىرىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە سۇنۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2422 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2022 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق