گوللاندىيەدە بىرلەشمە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

8-ئاپرېل گوللاندىيەنىڭ تىل شەھىرىدىكى چۈش مەرىكە زالىدا كوللېكتىپ ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىپتار پائالىيىتىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈرك مۇنبىرىنىڭ رەئىسى مۇرات گەدىك ۋە باشقا تۈرك، ئۇيغۇر جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ، 400 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە تۈرك مېھمانلار قاتناشقان.

پائالىيەتتە مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، يېقىندىن يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى دىنىي، مىللىي كىملىكىدىن يېنىشقا مەجبۇرلاپ، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن نوپۇس چەكلىگەنلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2022 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق