زەيتىنبۇرنۇدا «قېرىنداشلار رىشتىسى» تېمىسىدا ئىپتار بېرىلدى

12-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئېلىت مەرىكە زالىدا «قېرىنداشلار رىشتىسى» تېمىسىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىپتار پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك يېتىم قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىمدە تەكىتلەنگەن ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرىدىغان مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش ۋەتىنىدىن ئايرىلغان، ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بىر خەلقنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىشتە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1394 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2022 12:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق