شىۋېتسىيەدە بىر رادىكال ئۇنسۇر قۇرئان كۆيدۈردى

شىۋېتسىيەدە دانىيەلىك بىر رادىكال ئۇنسۇر ساقچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن بولۇپ، رايوندىكى مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دانىيە قاتتىق يول پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى راسمۇس پالۇدان 14-ئاپرېل ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لىنكوپىڭدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن.

پالۇدان ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەزكۇر شەھەردىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا كېلىپ، ئەتراپىدىكى 200 دەك كىشىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قۇلاق سالماي، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن. نەق مەيداندىكى كىشىلەر ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئىرقچىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا يول قويماسلىق ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان. نەتىجىدە غەزەپلەنگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر رايوندىكى بىر يولنى توسۇۋالغان ھەمدە قۇرئان كۆيدۈرگەن رادىكالنى قوغداپ تۇرغان ساقچىلارغا تاش ئاتقان.

شىۋېتسىيەدىكى «پەرقلىق رەڭلەر پارتىيەسى»نىڭ باشلىقى مىكائىل يۈكسەلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرقچى پالۇدان مۇسۇلمانلارغا قارشى شىۋېتسىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ ئۇ مۇسۇلمانلار توپلاشقان رايونلارنى تاللىغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا يول قويغان.

مىكائىل يۈكسەل يەنە ساقچىلارنىڭ مەزكۇر رادىكال ئۇنسۇرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى كۆيدۈرۈشىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۆرۈشكە چاقىرغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ قانداق ئالجىش؟» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3612 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق