تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجابىي جاۋاب ئالدى

16-ئاپرېل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىستانبۇلدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئادىل مۇھەممەتئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزۈش ۋە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بارغان بولۇپ، ھەيئەتنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىۋاسىتە كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت مىنىستىر سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقى، «G-87» كودى ياكى باشقا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنى تىزىملىكتىن چىقىرىش، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشكەن بولۇپ، مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش مەسىلىسىنى پات يېقىندا ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشى كېرەكلىكىنى، «G-87» كودى قويۇلغان ياكى باشقا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2303 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2022 20:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق