قۇددۇس خەلقى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە

قۇددۇس خەلقى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا خەلقنى ئەقسا مەسچىتىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتكەنلىكىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ئەسكەرلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا پەلەستىن خەلقىنى ئەقسا مەسچىتىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتكەنلىكى ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقى قايتىدىن غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تۈرلۈك توقۇنۇشلارغا ئالاقىدار سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقالماقتا.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان، دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان خەلقنى ئەقسا مەسچىتىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كاۋچۇك قاپلانغان ئوقلارنى ئىشلەتكەن ۋە بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنى ئۇرغان. ئىبادەت قىلغۇچىلار: «ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دەپ توۋلاپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا بىر پەلەستىنلىك ئايالنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئەقسا مەسچىتىدە ھەققىڭ يوق، سەن تاجاۋۇزچى... ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كۈنۈڭلار ئۇزۇنغا بارمايدۇ، بۇ مېنىڭ ئەمەس ئاللاھنىڭ بەرگەن ۋەدىسى» دەپ ۋارقىرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئالاھىدە قىسىمنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەقسا مەسچىتىنىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ، بىر تۈركۈم رادىكال يەھۇدىيلارنىڭ پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىگە جاۋابەن، ئەقسا مەسچىتىدە ئىبادەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى قوغلاپ چىقارماقچى بولغاندا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

قىزىل ھىلال جەمئىيىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئەقسادىكى توقۇنۇشتا 19 پەلەستىنلىك يارىلانغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە كاۋچۇك بىلەن قاپلانغان مېتال ئوق تەگكەن. يارىلانغانلارنىڭ بىر قىسمى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى توققۇز پەلەستىنلىكنىڭ ساقچىلارغا تاش ئاتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

ھاماس تەشكىلاتى تۈنۈگۈن سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەرىكەت رەھبىرى خالىد ئەلباتش قۇددۇس خەلقىنى ئەقسا مەسچىتىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ھىمايە قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3927 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2022 11:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق