ئەرەب دۇنياسىدا شىۋېتسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغالدى

شىۋېتسىيەلىك ئاشقۇن سىياسەتچىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرۈش قىلمىشى سەۋەبلىك، ئەرەب دۇنياسىدا شىۋېتسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغالدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئوڭچىل ئاشقۇن سىياسەتچى راسمۇس پالۇداننىڭ شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كۆيدۈرگەن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسى بۇ سەۋەبلىك شىۋېتسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

پائالىيەتچىلەر پالۇداننىڭ قىلمىشىغا قارشى نارازىلىقىنى «شىۋېتسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى» ناملىق ھەشتەگ بىلەن ئىپادىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ھەشتەگ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تېزلىكتە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

ئۇندىن باشقا ئوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان دۆلىتى ۋە كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاشقۇن سىياسەتچى پالۇداننىڭ قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ رەسمىي بايانات ئېلان قىلغان. جۈملىدىن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەرنى چەكلەشنى خالىمىغانلىقىنى، تارىختىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىككە، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردا بىر نەچچە قېتىم زور تالاش-تارتىش قوزغىغان. 2019-يىلى بىر قۇرئاننى كۆيدۈرگەن كۆرۈنۈش فېيسبۇكتا تارقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئەسەبىي كۆرۈنۈشنى ھەمبەھرىلىگەن فېيسبۇك ھېسابى بىر ئاي تاقالغان.

ئاشقۇن سىياسەتچى پالۇدان ئىلگىرىمۇ فىرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى بىر نەچچە دۆلەتتە قۇرئان كۆيدۈرمەكچى بولغان. ئۇ 2020-يىلى ئىرقچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن دانىيەدە بىر ئاي قامالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئوڭچىل رادىكال سىياسەتچىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا قارشى قوزغالغان نامايىشتا شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، بىر نەچچە نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى تېررور سىياسىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا ئاخبارات ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆپلەپ پاش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4463 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2022 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق