تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 20-ئاپرېل خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى مۇنبىرىگە يېڭىدىن رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەن دوكتور ئوسمان ئاقگۈلنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇرېشىت ئەمىن ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئادىل مۇھەممەتئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا دوكتور ئوسمان ئاقگۈلنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىياتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىش، ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1622 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2022 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق