ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قەدىر كېچىسىنى ئالاھىدە كۈتۈۋالماقچى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 27-ئاپرېل كەچتە سەفاكۆي رايونىدا تۈنەك يىغىلىشى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا قۇرئان كەرىمدە قەدىر كېچىسىنىڭ شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق، دەپ سۈپەتلەنگەنلىكى، رەسۇلۇللاھنىڭمۇ قەدىر كېچىسىنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەشكە بۇيرۇغانلىقى، بۇ مۇبارەك كېچىنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تەراۋىھ نامىزى ۋە خەتمە قۇرئان دۇئاسىغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر تۈنەك يىغىلىشى 27-ئاپرېل كېچىسى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان فاتىھ جامەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2097 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2022 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق