ئىستانبۇلدا «قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلمەكچى

23-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى «قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلمەكچى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەن دىنىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن سىرت، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئومۇمىي تەكلىپ ئېلان قىلىپ، مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ئاللاھقا بېرىلىپ ئىبادەت قىلىپ، روھىيەتنى پاكلاش ئارقىلىق، قېرىنداشلىق ۋە بىرلىكنى چىڭىتىدىغان ئايلارنىڭ سۇلتانى ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىقى، ھەمكارلىقى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسى بىلەن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىپتار پائالىيىتى 23-ئاپرېل (شەنبە) سائەت 18:00 گە بېكىتىلگەن بولۇپ، ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، سەفاكۆي، باشاقشەھىر ۋە سەلىمپاشا رايونلىرىدىن مەخسۇس ماشىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1732 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2022 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق