مىڭلىغان پەلەستىنلىك ئەقسا مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى

مىڭلىغان پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ يوللارغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇشىغا قارىماي، ئەقسا مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە كۈنى ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مىڭلىغان پەلەستىنلىك رامىزاندىكى ئۈچىنچى جۈمە نامىزىنى ئەقسا مەسچىتىدە ئوقۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارغا قويغان چەكلىمىلىرىگە ۋە توسۇقلارغا قارىماي، «بىز قالىمىز» دېگەن شوئار بىلەن ئەقسا مەسچىتىگە قاراپ يولغا چىققان.

قۇددۇسنىڭ شىمالىدىكى كالاندىيا ئېغىزى ۋە جەنۇبتىكى بەيتلەھەم شەھىرىگە كىرگەن پەلەستىنلىكلەر قاتتىق قىستاڭچىلىققا شاھىت بولغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قۇددۇسقا كىرىشىنى توسقان.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ماشىنىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار پىيادە مېڭىپ، قۇددۇسقا تۇتىشىدىغان يولدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەتىگەندە ئەقسا مەسچىتىگە بېسىپ كىرىشى نەتىجىسىدە، ئون نەچچە پەلەستىنلىك ئوققا تۇتۇلۇپ يارىلانغانىدى. بىر ھەپتە داۋاملاشقان مەسچىتكە بېسىپ كىرىش ۋەزىيىتى قۇددۇس ۋە ئەقسا مەسچىتىنىڭ ھويلىلىرىدا قايتىدىن جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4403 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2022 00:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق