ئىستانبۇلدا «قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى

23-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى مەيدانىدا 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، چوڭ تىپتىكى «قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

ئىپار پائالىيىتىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان دىنىي ئۆلىمالار، زىيالىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاقلى، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ساۋاش ئۈنلۈ، مۇئاۋىن مۇدىرى گۆكچە ئوق، ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى دوكتور ياشار ئاكسانجار، ئىستانبۇل شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى بايرام يالىنسۇ ۋە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن پارتىيە، تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

پائالىيەت ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى شۇنداقلا، بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك ئېيى بولغان رامىزاننى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇ مۇبارەك كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇش قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىشىشتەك ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش يولىدا نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ھەج مەۋسۇمىغىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش ۋە باشقا بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن يەنە بىر خۇش خەۋەرنى تىلغا ئېلىپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر يەردە ئىبادەت قىلىشى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى مەقسىتىدە، مەسچىت، كۇتۇپخانا، پائالىيەت زالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەركەز قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە خەلقنىڭ قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن ئىشتراك قىلغان تۈركىيە مۇئ‍اۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاقلى سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىدىيولوگىيە سىستېمىلىرىنىڭ ھەرخىل يېڭى پىلانلىرى بار ئىكەنلىكىنى، ئۇلار باشقا ئىنسانلارنىڭ كۈلتۈرلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ تارىختىن بېرى تۈرك دۇنياسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا تۈركىيەنىڭ ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك ئەللىرى بىلەن قايتىدىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرى ۋە ھېس -تۇيغۇلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەككى، دۇنيا تەرتىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى قەلبىدىن چىقىرىۋېتىشى، ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى باشقا سەۋەبلەر بىلەن كۆرمەسكە سېلىشى مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەلەپلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ: «بىرىنچى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. ئىككىنچى، تۈركىيە ۋە باشقا يەرلەردە چەت ئەللىك جەمئىيەتلەر ياكى شەخسلەر ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارامىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. سىلەرگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرىمەنكى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشقا تۈركىيە خەلقىمۇ يول قويمايدۇ. شۇڭا سىلەر ئارامىڭلارنى بۇزۇپ يۈرمەڭلار، ئارامىڭلارنى بۇزىدىغانلارغا پۇرسەت بەرمەڭلار. تۈركىيە سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار. تۈركىيە پۇقراسى بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭلار تۈركىيەدە بولساڭلارمۇ، قەلبىڭلار ئۇ يەردە بولسۇن، ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. يەنە بىرى قىممەت قاراشلىرىڭلارنى، مەدەنىيىتىڭلارنى، كۈلتۈرۈڭلارنى ئۇنتۇماڭلار» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن تون ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈرۈلدى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئابدۇجېلىل قارىمنىڭ ئەزان ئېيتىشى بىلەن، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

ئارقىدىن تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ياسىن ئاكتاي سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جەم قىلغان بۇ پائالىيەتتىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆز سالامىنى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىپتار پائالىيىتى ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىمنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2160 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2022 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق