فىرانسىيەدە مەسچىت تاقاش قارارى تۇنجى قېتىم رەت قىلىندى

فىرانسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسچىتنى تاقاش قارارىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئاپرېل فىرانسىيەنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇنغان فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان پېساك شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنى ئالتە ئاي تاقاش توغرىسىدىكى ئەرزنى رەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ پېساك شەھىرىدىكى يەرلىك ئىشخانىسى 14-مارت «رادىكال ئىسلام ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە تېررورلۇقنى ئاقلاش»نى باھانە قىلىپ مەسچىتنى تاقىغان. يەرلىك مەمۇرىي سوت مەسچىت تاقىلىپ ئون كۈن ئۆتكەندە مەسچىتنى قايتا ئېچىۋېتىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان. مەسچىتنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىگە نارازى بولغان يەرلىك ھۆكۈمەت ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

پارلامېنت بۇ سەيشەنبە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان بولۇپ، ئەدلىيە ھۆججەت مەزمۇنىدا: «مەسچىتنى تاقاش ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ئەھۋال» دېيىلگەن.

بۇ فىرانسىيە ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسچىت تاقاش قارارىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئىكەن. بۇ ھۆججەت فىرانسىيە ئاخبارات مۇلازىمەت ئورگىنى تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئادۋوكاتلار مەسچىت تاقاش دېموكراتىك ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قىلمىش، دەپ قارىغان.

مەسچىتنىڭ ئادۋوكاتى پېساك مەسچىتىنىڭ ئوچۇق ۋە تىنچ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنى ئىكەنلىكىنى، مەسچىت جامائىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىلىشى جەريانىدا سوتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قوغداش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، مەسچىتنىڭ تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە يەنە: «مەزكۇر سوت قارارى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا مەسچىتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىش ۋەزىيىتىنى ئاستىلىتىشتا قانۇنىي ئۈلگە تىكلەپ بەردى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4503 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2022 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق