تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىپ ئەردوغان ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتار پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار پائالىيىتى 27-ئاپرېل كەچتە دولماباغچىسى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىپتار پائالىيىتىگە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات بىرلىكىگە ۋاكالىتەن تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن يازغۇچى، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر قاتارلىق بىر قىسىم ئەربابلارمۇ قاتناشقان.

ئىپتاردىن بۇرۇن سۆز قىلغان پىرېزىدېنت ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىساد، ئىچكى-تاشقى سىياسەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن ئېكسپورت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرىنى، بۇ ساھەدە رېكورت ياراتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1890 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2022 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق