تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە بولغان قوللىشىنى تەكىتلىدى.

«ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مىللىي ئامانىتىمىز» ماۋزۇلۇق مەزكۇر باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، بۈگۈن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى شەرقىي تۈركىستان ۋە خەلقئارا خەۋەرلىرىنى تارقىتىدىغان، مۇستەقىللىق، ئىسلامىي ۋە مىللىي ئويغىنىشقا ۋەسىلە بولىدىغان سۆھبەت، دەۋەت ۋە نەسىھەت پىروگراممىلىرىنى سۇنىدىغان، خەلقىمىزنىڭ مىللىي كۈرىشىدىكى توغرا يۆلىنىشىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەڭ ساغلام، ئىشەنچلىك ۋە مەنپەئەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان ئۇنىۋېرسال، كۆپ تىللىق، زامانىۋىلاشقان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئايلانغانلىقىغا بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار غۇرۇر بىلەن شاھىت بولغان بولساق، دۈشمىنىمىز خىتاي غەزەپتە كۆزىتىۋاتىدۇ. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى كۈنىمىزدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە ئەكىلىشتە ۋە خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى رەزىل ئويۇنلىرىنى بۇزۇشتا ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلىپ كەلدى.

بۇرۇندىن تارتىپ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى چەكلەش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي مەركەزلىك ھەرخىل ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتقان ئىدى. جۈملىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆپ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شىكايەت قىلىش ۋە تۈركىيە سوتىغا رەسمىي ئەرز قىلىش نەتىجىسىدە، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورگان تور بېتى تاقىۋېتىلگەنىدى. ھېلىھەم بۇنىڭغا قارشى قانۇنىي جەھەتتىن تىركىشىش داۋام قىلىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە تۆھمەت چاپلاپ، ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلدى. ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىستىقلالنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ، شىكايەتنامە سۇنغانلىقىغا ۋاقىپ بولدۇق. ئەلۋەتتە بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ ھۇجۇملىرىغا قوشۇپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى قولچوماقچىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ھالدا، ئىستىقلالغا مەخپىي ياكى ئاشكارا شەكىلدە ئىزچىل تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدە ھەرخىل مەقسەتلەردە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى پىلانلىق چەكلەش، بايقۇت قىلىش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە بەزى ئىشلارغا شاھىت بولدۇق.

ئۆزۈم ۋە ئۆزۈم ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەرىكىتىم نامىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدا مۇھىم رولغا ئىگە بولغان ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ۋە ئارقا سەھنىدىكى قەھرىمان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايغا قارشى جەڭدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى ھەر ۋاقىت قوللايدىغان ۋە قوغدايدىغانلىقىمنى تەكىتلەيمەن. شۇنداقلا ھەربىر شەخس ۋە كۈچكە مىللىي كۈرىشىمىزدە تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان، دەۋايىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدىغان ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ۋە خادىملىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئەمەس، كۈچەيتىشكە؛ يالغۇز قالدۇرۇشقا ئەمەس قوللاشقا؛ ھۇجۇم قىلىشقا ئەمەس قوغداشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئىسلامىي، مىللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى»

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى نۆۋەتتە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تۆت خىل تىلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېكەتلىرىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئەرز-شىكايەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنمۇ بۇ يىل 14-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى تىلغا ئېلىپ، تۆھمەت بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى.

شۇنداقتىمۇ تېلېۋىزىيەمىزنىڭ خىزمەتلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆرۈرمەنلىرىمىزمۇ تېلېفون ياكى ئۇچۇر ئارقىلىق، خىزمەتلىرىمىزنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 3151 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2022 18:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق