ئېفىيوپىيەدە مىڭلىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

نەچچە مىڭلىغان ئېفىيوپىيەلىك مۇسۇلمان بىر نەچچە شەھەردە نامايىش قىلىپ، نەچچە ئونلىغان مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، قۇرئان كەرىم ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئاددىس ئابەبادىكى ئەلئەنۋەر مەسچىتى ئالدىدا مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلغان نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى سىن ۋە سۈرەتلەر تارقالغان. ئۇندىن باشقا دىرداۋا شەھىرىدە ئىككى كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشى ھەققىدىكى سىنلارمۇ تارقالغان.

ئامخارا ئىشتاتىنىڭ ئىسلام ئىشلىرى كېڭىشى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ: «بىر تۈركۈم خىرىستىيان رادىكال ئۇنسۇرلىرى ياشانغان مۇسۇلماننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان مۇسۇلمانلارغا ئوق چىقىرىپ، نەچچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. بۇ ھۇجۇمدا يەنە خىرىستىيان رادىكال ئۇنسۇرلىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى، مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېفىيوپىيە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بىلەن پىراۋوسلاۋىيە مەزھىپىدىكى خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدا قەبرىستانلىق ئورنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بار بولۇپ، قەبرىستانلىق مەسچىت بىلەن پىراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. كېڭەش تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسەن ھۇجۇم يۈز بەرگەن قەبرىستانلىقنىڭ مۇسۇلمانلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ھۆكۈمەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مۇسۇلمان شەيخنى «گونداردىكى خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتاپ، ھۇجۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋەدە بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان مەزكۇر ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ھەمدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئېفىيوپىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4685 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2022 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق