ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئىپتارلىق بېرىلدى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى 29-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى «Explore Indonesia» بىلەن بىرلىكتە سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە ئىپتارلىق بەردى.

ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ۋە ئىسلام، ۋەتەن، مىللەت مەدھىيەلەنگەن شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، نومۇر كۆرسەتتى. ئارقىدىن «ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار»غا كىتاب قاتارلىق مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاراجىمنىڭ دۇئاسىغا ئەگىشىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

ئوخشاش كۈندە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى بىلەن ئاۋسترالىيە ئىنسانىي ياردەم فوندى بىرلىكتە، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.

ئەنۋەر قاراجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭدەك يىغىلىشلار ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەتتە پىتنە-پاساتنىڭ كۆپىيىشى، قېرىنداشلىقنىڭ سۇسلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا توسالغۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈرلۈك ياردەم، ئىمتىياز، تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن قاچماسلىقى، بەلكى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا، ئىپتار پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغانلار جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدا دۇئا قىلىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1995 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2022 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق