ئۇقتۇرۇش

روزا ھېيتنىڭ بەرىكەتلىرى ھېسابلىنىدىغان ئىناقلىق، مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرغان كەڭ كۆلەملىك ھېيتلىشىش پائالىيىتىمىز ئەسلىدە بېكىتىلگەن سەيشەنبە ۋە كېيىن كېچىكتۈرۈلگەن چارشەنبە كۈنىدە يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ۋە كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ يېپىق شەكىلدىكى مۇۋاپىق پائالىيەت ئورنى تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر پائالىيىتىمىز كېچىكتۈرۈلدى. ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە نېسىپ قىلىشى بىلەن، پات يېقىندا ئوخشاش مەقسەت ۋە ھاياجان ئىچىدە، تېخىمۇ كۆركەم ۋە تەسىرلىك بىر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزا ھېيتىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز ۋە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تىنچ-ئامانلىق، خاتىرجەملىك تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1750 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2022 21:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق