ش ت ت ب ھەيئىتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 7-ماي تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئوسمان نۇرى قاباقتەپەنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەندى.

زىيارەت جەريانىدا ئوسمان نۇرى قاباقتەپە ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇ-ئىستەكلىرى يەتكۈزۈلدى.

ئاخىرىدا قاباقتەپە ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1748 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2022 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق