ماشىڭرۈي: چېگرانى تىزگىنلەپ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 7-ماي ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ۋە ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان-قىرغىزىستان چېگراسى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە شەكىل-ئۇسۇللارنى ئەلالاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماشڭرۈي قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ۋە شەكىل-ئۇسۇللارنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى تەڭ تۇتۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي يەنە ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساقچى پونكىتلىرىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىغىن يېزىسىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان-قىرغىزىستان چېگراسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا: «چېگرانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك توسۇقىنى پۇختىلاپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» باھانىسىنى كۆپلەپ قوللىنىپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1129 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق