خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنى ئالاھىدە تەقدىرلىدى

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان بىر قىسىم ساقچى دائىرىلىرى ۋە ساقچىلارنى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8-تارماق ئەترىتىنىڭ 1-چوڭ ئەترىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كوللېكتىپ ۋە 24 ساقچىنى ئالاھىدە تەقدىرلىگەن.

خەۋەردە خىتاي رېجىمىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى ۋە ساقچىلاردىن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، بىپەرۋالىق قىلماسلىق، خىتاينىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، خىتاي كومپارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە ساقچى ئورگانلىرىدىن ئالاھىدە پايدىلانغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ساقچى ئورگانلىرى ۋە پونكىتلىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ساقچىلارنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئانالىزچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىپ، تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2022 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق