خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ياۋروپاغا توشۇيدىغان پويىز لىنىيەسىنى 60قا يەتكۈزگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل قورغاس پورتىدا ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قورغاس پورتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا توشۇيدىغان پويىز لىنىيەسى 60قا يەتكەن.

قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2021-يىلىدىن بۇيان قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانىدا زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، 2021-يىلىدىن 2022-يىلى 8-مايغىچە قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن جەمئىي 39ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن لىنىيەدە قاتنايدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى پورتتىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي سانىنىڭ %65ىنى ئىگىلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىزلار شىئەن، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىن يولغا چىقىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2021-يىلى قورغاس پورتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن رۇسىيەگە، كورلىدىن گىرۇزىيەگە، سانجىدىن قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاتنايدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 11ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن. 2022-يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۆت لىنىيە ئىچىدە ئىككىسى شەرقىي تۈركىستاندىن قاتنايدىغان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەردىن ئالمۇتاغىچە ۋە قەشقەر قاغىلىقتىن تاجىكىستاننىڭ سىبىدامىڭغىچە بولغان لىنىيەدىن ئىبارەت ئىكەن.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىلغان ماللارنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، تۈرلىرىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، كۆپ مىقدارلىق بايلىق تىپىدىكى ماللار يېرىمىنى ئىگىلىگەن.

يېقىندىن بېرى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارىتا سودا ساھەسىدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغان. خىتاي بۇ بوشلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، چەت ئەلگە سېتىشنى تېزلەتكەنلىكىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، تۈرلۈك جازا ۋە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشىگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگىمۇ داۋاملىق توشۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1031 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2022 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق