ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئالدىن ئەۋەتىلگەن تەييارلىق گۇرۇپپىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى 10-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت كۈتۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بۇ زىيارەت داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز تىروسېل رويتېرس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلخەتتە: «ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئالىي ئەمەلدارنىڭ زىيارىتىگە تەييارلىق قىلماقتا. ئالىي ئەمەلدارنىڭ زىيارىتى بۇ ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ گۇاڭجۇغا يېتىپ بارغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن يۇقۇم تەدبىرى سۈپىتىدە ئايرىپ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى، ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ بەش كىشىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى لۇيىس ئاربور 2005-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم يەنە بىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق زىيانكەشلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن چارشەنبە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى باچېلېت خانىمنىڭ ماي ئېيىدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ زىيارەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما «ھەرقانداق جىنايەت بېكىتىش تەرىقىسىدىكى تەكشۈرۈش»نى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 19-ئاپرېل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ زىيارەت جەريانىنى كونترول قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇندىن باشقا 5-ماي دۇنيادىكى 220 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا قايتا قاراپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر زىيارەت توسالغۇسىز ۋە نازارەتسىز بولمىغان تەقدىردە، بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى ۋە تەشۋىقات كوزىرى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەييارلىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ۋە گۇمانىغا دۇچ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 832 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2022 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق