خىتاينىڭ بىر ئايروپىلانىغا ئوت كەتتى

تىبەت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇش جەريانىدا ئوت كېتىپ، 40 نەچچە يولۇچى يارىلاندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-ماي شۇ جاي ۋاقتى سائەت سەككىز ئەتراپىدا، تىبەت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇش جەريانىدا ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كېتىپ ئوت كەتكەن، نەتىجىدە 40 نەچچە يولۇچى يېنىك يارىلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلان A319 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، ھادىسە يۈز بەرگەندە ئايروپىلاندا 113 يولۇچى، 9 ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن. ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ بىنورماللىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇچۇشنى توختاتقان، ئەمما ئايروپىلان ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كېتىپ، ئايروپىلان بېشىنىڭ سول تەرىپىگە ئوت كەتكەن. ھادىسىدىن كېيىن يېنىك يارىلانغان 40 نەچچە يولۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئايرودۇرۇمنىڭ بىر ئۇچۇش-قونۇش يولى تاقالغان بولۇپ، باشقا ئىككى ئۇچۇش-قونۇش يولى نورمال ئېچىۋېتىلگەن. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2022 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق