خىتاي ئاۋىياماتكىسى غەربىي تىنچ ئوكياندا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئاۋىياماتكا ئەترىتى ھېسابلىنىدىغان «لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى» زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ غەربىي تىنچ ئوكياندا ھەربىي مەشىق، مانېۋىرىنى باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئاۋىياماتكىنىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلىشىشى ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئاۋىياماتكا ئەترىتىنىڭمۇ غەربىي تىنچ ئوكياندا ھەرىكەت باشلىشى خەلقئارانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي رىقابەت داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە سايلام ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاۋسترالىيەمۇ يېقىندا رايونلار ئارا ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 5-ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدە ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى «ئەمەلىي ۋەزىيەت» قىسمىنى يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن سۆزلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى «گېرمانىيە مارشال فوندى» ئاسىيا تۈرىنىڭ باشلىقى بونىي گىلاسېر خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى «لياۋنىڭ» مانېۋىرى ھەققىدە توختىلىپ: «گەرچە ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش ئەترىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل چوڭراق بولسىمۇ، ئەمما بۇ دائىملىق مەشىق بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئۇ يەنە «لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى» ئەترىتىنىڭ مىياكو بوغۇزىدىن يولغا چىققانلىقىنى، بۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان دائىملىق يولى ئىكەنلىكىنى، بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، مەلۇم بىر نىشاننى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن ھەربىي ئىستراتېگىيەچى، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى سۇ زىيۈن خىتاينىڭ ھەربىي مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن سىياسىي ئامىللارنىڭ بارلىقىنى، شۇڭلاشقا يېقىندىن بېرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتكەن، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قايتا تەكىتلەنگەن بىر پەيتتە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلا سىياسىي مەقسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ تەھلىلىدە يەنە خىتاي ئاۋىياماتكىسى ئەترىتىنىڭ نىشانى مانېۋىرنىڭ ئوبيېكتى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق سىياسىي بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، غەرب دۆلەتلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك سىگنال بېرىش ياكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق