تەكشۈرۈش دوكلاتى: %75 خىتاي رۇسىيەنى قوللايدۇ

يېقىندا ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئىككى تەتقىقات ئورگىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە راي سىناش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۆتتىن ئۈچ قىسىم خىتايلارنىڭ رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات كارتېر مەركىزى بىلەن كانادادىكى تەتقىقات مەركىزى «RIWI»نىڭ ھەمكارلىقىدا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا بايقىلىشىچە، %75 زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى خىتايلار رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار رۇسىيەنى قوللاش خىتاي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ قارىغان. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى خىتاي رېجىمىنىڭ رۇسىيەنى قوللايدىغان ئۇچۇر-تەشۋىقاتلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

كارتېر مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە غەرب جەمئىيىتى خىتايغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كارتېر مەركىزى ۋە كانادا تەتقىقات ئورنى RIWI ئۆتكەن يىلىمۇ ھەمكارلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 4-ئايدا يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.

تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ %75 ى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا تەخمىنەن %60 زىيارەت قىلىنغۇچى خىتاي خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، خىتاي ئاساسەن بىتەرەپ مەيدانىدا تۇرغان بولسىمۇ، ئاسترىتتىن رۇسىيەنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن. بۇ جەرياندا خىتاي ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەيىبلەيدىغان قارارغا بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن. مۈجمەل مەيداندا تۇرغان خىتاي رۇسىيەنى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىمەي، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرغان. خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا «تاجاۋۇزچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىرگە، غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىنى «بىر تەرەپلىمىلىك» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2022 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق