قورچاق ئەمەلدار ئابدۇرەقىپ: دىنىي ئەركىنلىك تارىختا كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتتى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى ھەرخىل يالغان تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانىدى. يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانى كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن يالغان تەشۋىقاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 10-ماي ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» تېمىسىدا سىن يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن جەريانىنى تور ئارقىلىق 60 نەچچە دۆلەتكە تارقاتقان.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا: «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى نۆۋەتتە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتتى... ھەقىقەتنى كۆرگۈچى ھېچقانداق كىشى بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ» دەپ نومۇسسىزلارچە بىلجىرلىغان.

يىغىندا يەنە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەمەت جۈمە ۋە خوتەن، سانجى، غۇلجا قاتارلىق رايونلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن خىتاي قولچوماقلىرى بىر-بىرلەپ سۆز قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىن ئۆگىتىلگىنى بويىچە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقان. 

يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى»نىڭ باشلىقى، قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل سۆز قىلىپ: «شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان ئاساستا خەلقئارادىكى دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇلارنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش تەلەپ قىلىندى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملاردا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى ۋەيران قىلغان. قىسمەن مەسچىتلەرنى مەيخانا، چايخانا ياكى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرگەن. بارلىق دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغاندىن باشقا، ئازراقلا دىنىي چۈشەنچىسى بولغان مىليونلىغان خەلقنى جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامىغان. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزئارا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سالام سۆزلىرىمۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرى دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن. پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسچىتلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە قالدۇرۇپ قويۇلغان. جۈملىدىن قەشقەردىكى داڭلىق ھېيتگاھ مەسچىتى پەقەت ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئورۇن قىلىنغان بولۇپ، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن.

نەچچە كۈن ئىلگىرىكى روزا ھېيت كۈنى خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ساما ئۇسسۇلى ئوينىغان ساختا كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان. گەرچە خىتاي ھېيتگاھ جامەسىدە ناماز ئوقۇشنى چەكلەپ، ساياھەت ئورنى قىلىۋالغىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق پىلانلىق ئويۇندا شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋە خەلقنى مەجبۇرىي ساماغا دەسسىگىلى سالغان. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى بۇلتۇرمۇ ئوخشاش تەرىقىدە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، خەلقنىڭ بىر كۈن بۇرۇن يىغىۋېلىنىپ، مەشىق قىلدۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1332 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2022 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق