تۈركىيە ئۆز ياساپ چىققان بومبائاتار قورالىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى (SSB) بىلەن ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى (MKE) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بومبائاتار ئىشلەپ چىققان.

بۇ بومبائاتارنىڭ قورالىنىڭ بوش ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى ئالتە كىلوگىرام كېلىدىغان بولۇپ، ئىستۋولىنىڭ دىيامېتىرى 40 مىللىمېتىر كېلىدىكەن. ئېتىش مۇساپىسىنىڭ دەل تېگىش ئارىلىقى 375 مېتىر بولۇپ، ئون سېكۇنتتا ئالتە دانە قول بومبىسى ئاتالايدىكەن. قول بومبىسىنىڭ ئېغىرلىقى 750 گىرام كېلىدىكەن.

بۇ قورال سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ دانە ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانغان. بۇ يىل 29-مارت ئىشلەپچىقىرىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 500 دانە بومبائاتار ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، كېيىنكى 500 دانىسى بۈگۈن تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

بۇ تۈركىيە ھەربىي سانائىتى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ چىققان يەرلىك قورال بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2022 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق