ئەمگەك پارتىيەسى: ئىمپورت ماللار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلماسلىقى كېرەك

ئاۋسترالىيە ئەمگەك پارتىيەسى زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئاۋسترالىيەلىكلەر تورىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۆكتىچىلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئەمگەك پارتىيەسى زامانىۋى قۇللۇققا قارشى تۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئەدلىيە تارمىقىدا مۇستەقىل خادىم بېكىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇن ھەر يىلى ئېغىر دەرىجىدىكى قۇللۇققا چېتىلغان دۆلەت، رايون ۋە كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت جايلاردىن ئىمپورت قىلىدىغان شىركەتلەردىن مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

2020-يىلدىكى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئالما، BMW، Gap، خۇاۋېي، نايك، سامسۇڭ، سونىي ۋە ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق 82 دۇنياۋى ماركا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانىغا چېتىشلىق زاۋۇتلاردىن پايدىلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مورىسون ھۆكۈمىتى 2018-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «زامانىۋى قۇللۇق قانۇنى»دا كىرىمى 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قۇل ئەمگىكى بولۇش خەۋپىنى باھالاش تەلەپ قىلىنغان.

بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ بۇ يىل بېشىدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، %80 كە يېقىن شىركەت «زامانىۋى قۇللۇق قانۇنى»دا كۆرسىتىلگەن تەلەپنى ئورۇندىيالمىغان. يېرىمغا يېقىن كارخانا سودىسى ياكى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇق خەۋپىنى ئېنىقلىيالمىغان. پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇپ يەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 982 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2022 21:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق