خىتاي تەكلىماكاندىكى تەقلىدىي ھەربىي نىشانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتتى

ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇملۇق رايونلىرىدا تەقلىدىي ھەربىي نىشانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇنى يىراق مۇساپىلىك ھەربىي پاراخوتقا قارشى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاقىلىق تەۋەلىكىدىكى قۇملۇقلارغا كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى تەقلىدىي نىشانلار يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەقلىدىي دېڭىز ئارمىيە بازىسىمۇ بار ئىكەن. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئارمىيەسى نىشانىدىن بىر نەچچىسى بار بولۇپ، يەنە ئىككىسى پورتقا توختىتىلغان ھەربىي پاراخوتقا تەقلىد قىلىنغانىكەن.

خەۋەردە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبلىك، خىتاينىڭ مەزكۇر تەقلىدىي نىشانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئاۋىياماتكىغا قارشى ھەربىي ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇرۇپ چىققان تەقلىدىي ھەربىي نىشانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىپ قېلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھ شىركىتى تارقاتقان سۈرەتلەردىمۇ تەكلىماكان قۇملۇقىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تەقلىدىي مودېللارنى قۇرۇپ چىققانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە كەم دېگەندە بىرىنىڭ ئاۋىياماتكىغا، يەنە بىرىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتقا ئوخشايدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى نىشان قىلغان ھالدا، مەزكۇر تەقلىدىي مودېللارنى تەقلىدىي ئىزدەش ۋە سىناق نىشانى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2022 21:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق