ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ ئاي ئاخىرىدا قايتا ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

خىتاينىڭ بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلىرىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولۇپ، 10-ماي بۇ ھاۋا لىنىيەلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى ئۈرۈمچى-ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تۇنجى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. بۇ لىنىيەدە خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن. كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 10-ماي ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى ئۇچۇش باشقۇرۇش كومىتېتى خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى يۇقۇمدىن مۇداپىيەلىنىش-تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تېخنىكا شۆبە شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، خەلقئارا يولۇچىلار نۇقتىسىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئايرودۇرۇمغا كىرىش-چىقىش ئومۇمىي تەرتىپىنى تەقلىد قىلغان.

خەۋەردە قەرەللىك يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە قارىتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، تۈرلۈك يۇقۇم تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خىزمەتچى خادىملار، ئاپتوموبىل ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، پاسپورت بېرىشنى توختاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1360 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2022 21:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق