شەرقىي تۈركىستان خەلقى جەنۋەدە زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ۋە يۈرۈش قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ئاستىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، خەلقئارادا پائالىيەت قىلىۋاتقان 20 نەچچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار بىرلەشكەن تەشكىلاتلار باش ئىشتابى ئالدىدىكى مەيداندىن يولغا چىقىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى ئالدىغىچە پىيادە يۈرۈش قىلغان. بىر قىسىم نامايىشچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە، پۇت-قولىغا كىشەن، ئىشكەل تاقاپ يۈرۈش قىلدى. يۈرۈش داۋامىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن»دېگەن شوئارلار توۋلاندى.

مەزكۇر نامايىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى مىشېل باچېلېت لاگېر شاھىتلىرى ۋە ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

مەزكۇر نامايىشتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىغا سۇنۇلىدىغان بىرلەشمە مەكتۇپقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلار ئىمزا قويغان بولۇپ، مەكتۇپتا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەرز-تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن بەش كىشىلىك گۇرۇپپىسى 25-ئاپرېل خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئالىي ئەمەلدار مىشېل باچېلېت خانىم 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1250 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2022 21:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق