خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان زور كۆلەمدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆسمۈرلەرگە مېڭە يۇيۇش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىغا ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش رەزىل مەقسىتىدە، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاتالمىش «ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپپاراتى» قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى جەمئىي 1524 گە، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى 2723 گە يەتكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ «يېزا يەسلىلىرىدە يەسلى يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق» بۇيرۇقى بويىچە، 2017-يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن سېلىنغان ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سېلىنغان 4408 يېزا يەسلىسى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي يېزىلاردىكى «ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى» بويىچە يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا يەسلىگە كىرىشىنى يولغا قويغان. نەتىجىدە بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.19 كە يەتكۈزۈلگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىمۇ ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى بارلىق شەھەر-يېزىلاردا يولغا قويغانىدى. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن سىرت، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش، قىزىللاشتۇرۇش سىياسىتىنىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2020-يىلى دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلانغان بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. نۆۋەتتە بۇ رەقەمنىڭ تېخىمۇ زورايغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي كىملىكىدىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتۇرغان ھالدا، كىچىكىدىن باشلاپلا خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1330 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2022 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق