ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر قىسىم سانلىق مەلۇمات ئامبىرى 30 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا دۇنياغا پاش قىلىپ بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئامېرىكا ئاۋازىغا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىككى يۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، مەزكۇر مەلۇمات ئامبىرىدا خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلغان 30 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر ئۇچۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى، جىنسى، كىملىك نومۇرى، ئادرېسى، بېكىتىلگەن ئاتالمىش «جىنايەتلىرى»، جازا مۇددىتى ۋە قامالغان تۈرمىنىڭ ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاتالمىش «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۆكتەملىك قىلىش» دېگەندەك تۆھمەتلەر ئارتىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئاشكارىلانغان مەزكۇر تىزىملىك توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر توقۇپ چىققان شىنجاڭ ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرنى رەت قىلدۇق. شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلاپ، پولاتتەك پاكىت ئالدىدىمۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە مۇھاجىرەتتىكى بىر نەچچە ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئائىلىسىنىڭ قامالغانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. شۇلاردىن قاتارىدىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت تېلېفون ئارقىلىق ئامېرىكا ئاۋازىغا ئۆزىنىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئىنىسى ۋە قوشنىسىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپقانلىقىنى ئېيتقان.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، تېررور سىياسىتىنى ئىزچىل توختاتمىغان بولسىمۇ، بىراق 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچكە قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قايتىدىن كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا زور كۆلەمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ،  سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نەچچە مىليوندىن ئاشتى. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتتى. گەرچە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلار، شاھىتلار، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھازىرغا قەدەر بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 823 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2022 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق