بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قامالغا قارشى نامايىش قىلدى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى 15-ماي كەچتە مەكتەپ ھويلىسىغا يىغىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار رايونىنى ئايرىپ تام قوپۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توساق ئۈچۈن قويۇلغان مېتال تام ئاخىرى چۇۋۇپ تاشلانغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇر ۋە سىنلارنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويغان كونترول قىلىش تەدبىرلىرى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار دائىرىلەرنىڭ قاتتىق كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-چېسلا كەچتە مەكتەپ دائىرىلىرى كېچە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئالماي ياكى ئۇقتۇرۇش قىلماي جىددىي قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تۇرۇۋاتقان ياتاق رايونى بىلەن ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەر رايونىنى ئىككىگە بۆلۈپ، قورشاۋ تام سالغان. ئوقۇغۇچىلار تەرىپى توسۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تۇرالغۇ رايونىدىن ئىجتىمائىي رايونغا چىقالمايدىكەن، سىرتتىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالالمايدىكەن، مەكتەپكە كىرىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئەركىن-ئازادە چىقىپ-كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل تەڭسىزلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، قاراڭغۇ كېچىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى مەسئۇل خادىم كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كېلىپ ۋەقەنى پەسەيتىشكە تىرىشقان. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار توساقلارنى چۇۋۇپ تاشلاشقا باشلىغاندا باشقا ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى قوللاپ توۋلاشقان. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ياڭراتقۇ بىلەن ۋارقىراپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى، ئالدى بىلەن نامايىش قىلماي، تەرتىپلىك ھالدا ياتاققا قايتىپ كېتىشنى بىلدۈرگەن. كېيىن ئوقۇغۇچىلار شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23:00 ئەتراپىدا ئاستا-ئاستا تارقاپ كەتكەن.

شۇ كۈنى كەچتە نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان بىر ئوقۇغۇچى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ئېلان قىلغان نامسىز يازمىسىدا: «بۈگۈن كەچتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا، تەڭسىز قامال قىلىش سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ قايتىدىن جانلانغانلىقىغا شاھىت بولدۇق» دەپ يازغان. يەنە بىر ئوقۇغۇچى: «بەختكە يارىشا، 100 يىلدىن كېيىن مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار يەنىلا شۇنداق جۇشقۇن ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان ھالدا مىللىي روھنى نامايان قىلدى» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلار تارقالغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تۇتماسلىققا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغان-قويمىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېلىپ ھېساب ئېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ۋېيبو سۇپىسىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋەقەسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ۋە سىنلار توسۇۋېتىلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق