ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىكىر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى

ئىستانبۇل فاتىھ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «Fatih Ideathon» پىكىر مۇسابىقىسىدە UyghurSTEM گۇرۇپپىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

15-ماي بىر كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر مۇسابىقىدە، قاتناشقۇچىلار كوچىلاردىكى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش، قوغداش، تىزىملاش، بېقىش، تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باھالىغۇچىلارغا سۇنىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى تاللاشتىن ئۆتكەن 30 گۇرۇپپىدىكى يۈزگە يېقىن ياش-ئۆسمۈر مۇسابىقىگە قاتناشقان. باھالىغۇچىلار فاتىھ رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ يەتتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن.

مۇسابىقىگە UyghurSTEM دىن گۇرۇپپا مەسئۇلى مۇھەممەتئىمىن نۇرىددىن باشچىلىقىدىكى تۆتەيلەن قاتناشقان بولۇپ، ماشىنىنى پاناھگاھ قىلغان ھايۋانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىر روبوت لايىھەسى ياساپ سۇنغان. مۇسابىقىدە لايىھە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش يېتەرلىك بولسىمۇ، UyghurSTEM گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ئىشلەپ پۈتتۈرگەن لايىھەسى بىلەن باشقىلاردىن خېلىلا پەرق ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، شۇنداقلا باھالىغۇچىلاردىمۇ ياخشى تەسىرات قالدۇرغان. نەتىجىدە بۇ قېتىملىق كەسكىن مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە جەمئىي 22 يېرىم مىڭ لىرا قىممىتىدىكى مۇكاپات تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور مەھمۇت ئاق ئەپەندى مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەن. پائالىيەت ئاخىرىدا مەھمۇت ئەپەندى يەنە UyghurSTEM گۇرۇپپىسى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

UyghurSTEM گۇرۇپپىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەبىئىي پەن بىلىملىرىدە يېتەكلەش ۋە ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 2019-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان. نۆۋەتتە UyghurSTEM گۇرۇپپىسى ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى بويىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 956 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2022 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق