خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 42 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.4 ئاشقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن قارىغاندا، تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي ئەھۋالى كۆپەيتىلگەن. ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئارقىلىق ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېكسپورت قىلغان بايلىقنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 42 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.4 كۆپەيگەن.

ئالدىنقى تۆت ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، كورلا ۋە قىزىلسۇنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %105.7، %273.6، %99، %48.2 ۋە %273.7 ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ تاشقى سودا سېلىشتۇرما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 2:8 دىن 3:7 گە ئۆزگەرگەن.

مەھسۇلات تۈرىدىن قارىغاندا، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئاياغ قاتارلىق ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ۋە ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سودا سوممىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.4 ۋە %41.6 ئېشىپ، تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %47.5 ى ۋە %30.5 ىنى ئىگىلىگەن.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى تۆت ئايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودىسى بارغانسېرى ئاشۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، كىشىنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھەرخىل باھانىلەر بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1107 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2022 19:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق